javascript ئۆگىنىش خاتىرەم (1)

كۆرۈلۈشى: 78 قېتىم 2 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ مىسالدا ئاساسلىقى javascript نىڭ مىقدارلار گۇرۇپپىسىغا يېڭى مىقدار قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىنغان بولۇپ باشلىمىغا قوشۇش، ئاخىرىغا قوشۇش، باشلىمىدىن ئۆچۈرۈش ۋە ئاخىرىدىن ئۆچۈرۈش بولۇپ جەمئىي تۆت تۈرلۈك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان. myArray.push(["paper",3]); ئاخىرغا قوشۇش myArray.pop(); ئەڭ ئاخىرقى ئېلىمىنىتنى ئۆچۈرۈش myArray.unshift(["hello",4]); باشلىمىغا قوشۇش myArray.shift(); باشلىمىدىكى ئېلىمىنىتنى ئۆچۈرۈش ئەسكەرتىش: مىقدارلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىندىكىسى نۆلدىن باشلىنىدۇ. myArray.pop(); بىلەن myArray.shift(); نىڭ تىرناق ئىچىدە پارامتېر يوق. ئاۋۋ ... [تەپسىلاتى]

Ubuntu سىستېمىسىدا Google Chrome تور كۆرگۈچىنى قاچلاش

كۆرۈلۈشى: 39 قېتىم باھا يوق /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاۋۋال Google Chrome نىڭ .deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالىمىز. ئاندىن شۇ مۇندەرىجىدە Terminal نى قوزغىتىمىز. ئاخىرىدا تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق بىلەن قاچىلايمىز. sudo dpkg -i DEB_PACKAGE ئۆچۈرىۋىتىش بۇيرۇقى: sudo dpkg -r PACKAGE_NAME [تەپسىلاتى]

CSS nth-of-type نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

كۆرۈلۈشى: 76 قېتىم باھا يوق /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېكىتىمىزنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە يېڭى چىققان بولغاچقا ، ئاۋات شەھەرنىڭ يىڭى پۇخراسى بولۇپ ئورۇنلىشىپ بولغۇچە ھەرخىل ئالدىراشچان بولۇپ كەتتىم. تۇرمۇشتىكى ھەرخىل تەسىراتلار ۋە خىزمەت جەريانىدىكى بىر قىسىم بىلىملەرنى ئارگىنال سۈپىتىدە خاتىرلەپ قويۇپ ۋاقىت چىققاندا رەتلەيمەن دەپ ئەمدى قارىسام 15 كە يىتىپ قاپتۇ. تېخىچە رەتلىگۈدەك ۋاقىت يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئويلىغان ۋاقىتتا ئاددىيلا قىلىپ پۈتىۋىتىشنى قارار قىلدىم. مەسىلە: بىز بەزىدە مەلۇم بىر ئېلمىنىتنىڭ رەڭگى ياكى تەگلىك رەڭگى دېگەندەك خاسلىقلىرىنى css تە تەكرارلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەل قى ... [تەپسىلاتى]

google chrome تور كۆرگۈچى خەتەرلىك بېكەتلەر قاتارىغا قوشۇپ قويسا ھەل قىلىش ئۇسۇلى

كۆرۈلۈشى: 716 قېتىم 4 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە ئاز-تولا ئىزدەنگەن، ھەم بېكەتتە يازما ئېلان قىلغان ئىدىم. بۈگۈن مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قالدۇرۇپ ئۆتىمەن. ئەڭ ئاۋۋال: بېكەت ئادرىسىنى بېسىپ كىرىمىز. google chrome تور كۆرگۈچى ئاگاڭلاندۇرۇش چىقىرىپ توسۇپ قالىدۇ. ھەم ئاستىدا چېكىشنىش، داۋاملىق زىيارەت قىلىش، بېكەت باشلىقى دېگەندەك بىر قانچە ئۇلانمىلار بار. بۇلارنى ئالدىنقى يازمىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن، بۇ يەردە قايتا چۈشەندۈرۈش بېرىلمەيدۇ. يازما ئادرىسى ئىككىنچى قەدەم: detected malware دېگەن ئۇلانمىنى بېسىپ كىرىپ بېكەتنىڭ بىخەتەرلىك ھالىتىنى تەكشۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق بېكەت نېمە سەۋەبتىن مۇشۇندا ... [تەپسىلاتى]

svg دەرىسلىكى

كۆرۈلۈشى: 1,093 قېتىم 2 باھا /

ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئالدىنقى تېمىدا يېڭىدىن لايھەلىگەن بېكەت تۇغىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغانتىم. بۈگۈنكىسى بولسا svg شەكلىدىكى بېكەت تۇغى. يەنى مەيلى چوڭايتايلى ياكى كىچىكلىتەيلى سۈزۈكلى ئۆزگەرمەيدىغان شەكلى. خەت نۇسقىسى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. ئالدى بىلەن مەزكۇر تۇغنىڭ svg كودىنى يېزىپ بەرگەن قېرىندىشىم ئەنۋەرجانغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىردەك مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىكنىمۇ يوللاپ قويدۇم. ھەۋەسكار دوسىتلارغا ئەسقېتىپ قالار. تۇغ كودى: Github دەرىسلىك: SVG ئۆگۈنۈش دەرىسلىك تىلى: خەنزۇچە ئادرىسى: IMOOC [تەپسىلاتى]

يېڭى تۇغ

كۆرۈلۈشى: 821 قېتىم 4 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزنىڭ قەدىناس ئوقۇرمەنلىرى. بېكەتكە يېڭى يازما يازمىغىلىمۇ خېلى بولۇپ قاپتۇ. تەتىل ۋە تەتىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلارنى ئاز-تولا ئىلىپ قويغان بولساممۇ تېخى رەتلەپ قەلەم تەۋرەتكىدەك بولمىدىم. ئەسلىدە ئورتاقلىشىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ ئىدى. يېڭى يىللىق پىلان، تەتىل، خىزمەت ۋە كەلگۈسى، ئىگلىك تىكلەش، دەرىسلىك ئىشلەش.... قاتارلىقلار. تەتىلنىڭ ئالدى كەينىدە بېكەت تۇغىنى قايتا لايھەلەپ چىقتىم. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم ئىلگىرى ئىشلەتكەن ۋە تاللاش جەريانىدىكى تۇغلار. [تەپسىلاتى]

2015- يىللىق خۇلاسە

كۆرۈلۈشى: 1,194 قېتىم 10 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نەچچە يىلدىن بېرى تەشنايىنىڭ يىللىق خۇلاسىلىرغا قاراپ ھەۋەس قىلاتتىم. ئۆزۈممۇ ئاز-تولا نەرسىلەرنى يەكۈنلەپ بىر نەرسىلەرنى پۈتۈپ قويۇشنى ئويلايتىميۇ بىراق يازىدىغان چاغدا نېمە يېزىشنى بىلمەي تاشلاپ قوياتتىم. مانا بۇ يىل ئاخىر يازىدىغان بولدۇم. چۈنكى «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ» دېگەندەك ئالدىنقى يىللاردا مەن خۇلاسىلىگۈدەك ئىش قىلمىغان بولسام كېرەك...... 1- ئاي: يىلنىڭ بېشىدا typecho دېگەن ماۋۇ بىلوگ سىستېمىسا بىلەن ئۇچرىشىپ يېنىكلىكى ۋە ئاددىيلىقىغا قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى بېكەت سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇپ ھازىر بېكەتنى قۇرۇپ چىقتىم. بىر قانچە كۈن ئۆتكە ... [تەپسىلاتى]

سەركار پەن-تېخنىكا شىركىتى

كۆرۈلۈشى: 1,641 قېتىم 7 باھا /

-----2016-01-13 21:56:21----- بۈگۈن ئىشلىتىۋاتقان بوشلۇقتىكى بىر قانچە wordpress بېكەت بىراقلا يۇقۇملىنىپ قاپتۇ. تەسىرى: بېكەت كۆرۈنمە يۈزى ئوڭ-سولغا سىيرىغىلى بولىدىغان ھالەتتە كەڭرىپ كېتىدۇ. كود: ئىمتاھان ۋاقتى سەۋەبلىك تەپسىلى قارىغۇدەك بولمىدىم. لېكىن ئەسلى كودىغا قارىسام باشقا بېكەتكە ئاتلايدىغان js كودى ئېسىلىپ قالغان. ھەل قىلىش چارىسى: گەرچە قايسى ھۆججەتنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى تەكشۈرمىگەن بولساممۇ wordpress نىڭ نەشىرىنى يېڭىلاپ پۈتۈن ھۆججەتلىرى ئالماشقاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلدى. دېمەك كود ئۇسلۇبقا ئەمەس سىستېمىغا يوشۇرۇنغان. ئەسكەرتىش: wordpress نىڭ يېڭى نەشىرى ۋە ئادەتتە ئىشلەتمەيدغ ... [تەپسىلاتى]

يامغۇر بىلوگى

كۆرۈلۈشى: 1,736 قېتىم 11 باھا /

ۋاقىت: 2015-11-28 22:34:38 بۈگۈن ئۇسلۇبتىكى بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ چىقتىم. يازما بەتلەردە بىر div نىڭ ئاخىرلىشىدىغان قىسىم چۈشۈپ قاپتۇ. يازما بەتنىڭ خەت رامزىنى سەل چوڭايتىپ قويدۇم. ئاندىن ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس يازىدىغان قىسىمىدا نۇرمالسىزلىق كۆرۈلۈپتۇ. يەنى ئوقۇرمەن ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزىدىغان قىسىم كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ. ھازىرچە نۇرمال ئىنكاس يازغىلى بولغۇدەك قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم. لېكىن بۇ ئاددىيغىنە ئۇسلۇبنىڭ كودلىرىغا قارايدىغان بولسام بىر توقاي ئارتۇقچە كودلار بار ئىكەن. ئېسىلغان js ھۆججەتلىرىمۇ خېلى كۆپكەن. كېيىن ۋاقىت چىقسا كۆرۈنمە يۈزىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قايتا يېزىپ چىقىمەن. ۋاقىت: ... [تەپسىلاتى]

ئىزدەش رامكىسى ۋە ئىزدە تورى

كۆرۈلۈشى: 630 قېتىم باھا يوق /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادەتتە ئىزدەش بېكەتلىرىدىن google.com, bing.com ياكى baidu.com قاتارلىقلارغا كىرگىنىمىزدە تور ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ باشبەتنى ئېچىپلا ئىزدەيدىغان سۆزنى كىرگۈزىمىز. يەنى مائۇسنىڭ سىنبەلگىسى ئىزدەش رامكىسغا ئاپتۇماتىك توغىرلىنىدۇ. لېكىن ئىزدە تورىغا (izda.com) كىرسەم داۋاملىق بىر قەدەمنى ئارتۇق بېسىپ مائۇسنىڭ سىنبەلگىسىنى ئىزدەش رامكىسىغا قايتا توغۇرلاپ ئاندىن ئىزدەيدىغان سۆزنى كىرگۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە ئىزدەپ كۆرسەم بۇ ئىقتىدارنى ئىككى قۇر كود بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئىزدەش تورنىڭ تورداشلارغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۈنۈمنى قوشۇپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئ ... [تەپسىلاتى]

wordpress ئۇسلۇبى: ھەسەل

كۆرۈلۈشى: 2,259 قېتىم 11 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالدىنقى مەزگىلدە يېزىپ قويغان بىر ئۇسلۇبنى ئوچۇق كودلۇق ھالەتتە Github قا يوللاپ قويدۇم. ئۇسلۇب نامى: ھەسەل hesel ئاپتۇرى: ھاجى ئۇسلۇبنىڭ نۆۋەتتىكى نەشىرى: 1.1 ئۇسلۇب نەشىرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ. ئەڭ يېڭى نەشىرىنى Github قا يوللاپ ماڭىمەن. ۋە مۇشۇ يازمىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. ئالاھىدىلىكى كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي، پاكىز. كۆچمە ئۈسكىنىلەرگە ماسلىشىدۇ. لېكىن كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىكى ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كۆرۈنمە يۈزى: كۆرۈش ئادرىسى: http://teley.cn/ كۆرۈش ئادرىسى ۋاقىتلىق ئادرىس بولۇپ ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر بىلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلا يازمىغا قوشۇپ قويس ... [تەپسىلاتى]

كود قىستۇرۇش ئۇسۇلى-prism

كۆرۈلۈشى: 642 قېتىم باھا يوق /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كود بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار يازمىلارغا ئانچە-مۇنچە كودلارنى قىستۇرۇپ قالىدىكەنمىز. بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ كود يورۇتىدىغان بىر ئۇسۇل ئۇچراپ قالدى. قىستۇرما نامى : prism ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ پەقەت بىر دانە css بىلەن بىر دانە js ھۆججىتى ئېسىپ قويساقلا بولىدۇ. ئالدىراشچانلىقتا يازمىغا كود قىستۇرۇلغانمۇ يوق دېگەنگە ھۆكۈم قىلمايلا ئېسىپ قويدۇم. بەرىبىر ئىككى ھۆججەتنىڭ سىغىمى ئاران 25 kb كەن. شۇڭا تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇپتىمەن. قىستۇرۇش ئۇسۇلى <pre><code class="language-markup">كود بۇيەرگە قىستۇرىلىدۇ</code></pre> دەپ مۇناسىۋەتلىك ... [تەپسىلاتى]

Sublime text3 تە C تىلى پىروگىراممىسى مۇھىتى ھازىرلاش

كۆرۈلۈشى: 659 قېتىم باھا يوق /

شۇنداق قىلىپ قايتىدىن C تىلى ئۆگەنگىلى تۇردۇم (تەكرارلاۋاتىمەن). بىر تەرەپتىن كود يېزىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇدۇللۇق GitHub قا يوللاپ مېڭىۋاتىمەن. ئادرىسى: https://github.com/MenZil/C قىزىقىدىغان ياكى كومپيۇتېر كەسپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا بىللە يازساق بولىدۇ. ئاۋۋال پايدىلانغان ئادرىسلارنى قالدۇرۇپ قوياي. تەپسىلاتىنى كېيىنچە رەتلەيمەن. لازىملىق دىتاللار: http://sourceforge.net/projects/mingw/files/ پايدىلانغان مەزمۇنلار: http://blog.sina.com.cn/s/blog_6e7384df0101qzya.html http://www.52pojie.cn/thread-194691-1-1.html http://blog.csdn.net/dc_726/article/details/45749805 scanf ... [تەپسىلاتى]

wordpress بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلىتىش دەرىسلىكى - 6

كۆرۈلۈشى: 1,901 قېتىم 15 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ قىسىمدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: ئۇسلۇب قاچىلاش خەت نۇسقىسى تونۇتۇش ئۇسلۇب فۇنكىسىيەلىرى كۆرۈنمە يۈزىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تەكلىپ.... دەرىسلىك فىلىمى: سۈزۈك نۇسقا: بەيدۇ تور دىسكىسى دەرىسلىكتە سۆزلەنگەن ئۇسلۇب: ئەسلى ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇب [تەپسىلاتى]

wordpress بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلىتىش دەرىسلىكى - 5

كۆرۈلۈشى: 1,037 قېتىم 7 باھا /

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەرىسلىك مەزمۇنى header.php، footer.php، siderbar.php،functions.php ھۆججەتلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بېكەت تۇغى چىقىرىش تىزىملىك قوشۇش يان سىتون ۋە كىچىك قورال قوشۇش قاتارلىقلار دەرىسلىك فىلىمى: سۈزۈك نۇسخسى بەيدۇ تور دىسكىسى دەرىسلىكتە سۆزلەنگەن ئۇسلۇب ۋە فۇنكىسىيەلەر ئۇسلۇب [تەپسىلاتى]